ناتو مانېۋىرىغا قاتنىشىدىغان تۈركىيە قىسمى رۇمېنىيەگە قاراپ ھەرىكەت قىلدى

ناتونىڭ «2021-مۇستەھكەم قوغدىغۇچى» (Steadfast Defender 2021) ناملىق مانېۋىرىغا قاتنىشىدىغان 66-ماشىنىشلاشقان پىيادە بىرىگادىسىنىڭ قوماندانلىقىدىكى ھەربىي قىسىم ۋە ئاپتوموبىللار رۇمېنىيەگە قاراپ ھەرىكەت قىلدى.

1637197
ناتو مانېۋىرىغا قاتنىشىدىغان تۈركىيە قىسمى رۇمېنىيەگە قاراپ ھەرىكەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو، ئامېرىكا ۋە تىنچلىق ئۈچۈن شېرىكلىك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇشقا تەييار بولۇش، بىرلىكتە خىزمەت قىلش مېخانىزملىرىنى ئورنىتىش ئۈچۈن پىلانلانغان، 15 ناتو دۆلىتى قاتنىشىدىغان «2021-مۇستەھكەم قوغدىغۇچى» مانېۋىرى ھەمدە بۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇلغان 26 دۆلەتتىن 30 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر قاتنىشىدىغان «2021-ياۋروپا قوغدىغۇچى» مانېۋىرىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئەسكەرلەر تەكىرتاغدىن يولغا چىقتى.

چورلۇغا ئورۇنلاشقان 66-ماشىنىشلاشقان پىيادە بىرىگادىسى قوماندانلىقىدىن مانېۋىرغا قاتنىشىدىغان قىسىمدىكى 1356 ئەسكەر، 214 ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە باشقا ھەر خىل ھەربىي ئەسلىھەلەر بىلەن رۇمېنىيەگە قاراپ ھەرىكەت قىلدى.

بۇلغارىيەدىن رۇمېنىيەگە بارىدىغان 66-ماشىنىلاشقان پىيادە بىرىگادىسى قوماندىلىقىدىكى ھەربىي قىسىم جىنجۇ (Cincu) شەھىرىدە مانېۋىرغا قاتنىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر