ئەردوغان پۈتۈن دۇنيانى ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقساغا قىلغان ھۇجۇمىغا قارشى ھەرىكەتكە چاقىردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقساغا، قۇددۇسقا ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىغا قارشى ئىسلام دۆلەتلىرىنى ۋە پۈتۈن دۇنيانى ئۈنۈملۈك ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

1636824
ئەردوغان پۈتۈن دۇنيانى ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقساغا قىلغان ھۇجۇمىغا قارشى ھەرىكەتكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تىۋىتتېر ھېسابىدىكى يازمىسىدا، «مەن پۈتۈن دۇنيانى، بولۇپمۇ ئىسلام دۆلەتلىرىنى ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقساغا، قۇددۇسقا ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىغا قارشى ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىمەن» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئەردوغان تىۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن يازمىسىدا، «قۇددۇس پۈتۈن دۇنيادۇر. ئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارمۇ بارلىق ئىنسانىيەتتۇر» سەرلەۋھىسى ئاستىدا پىكىر بايان قىلىپ، «مۇقەددەس شەھەر قۇددۇسنىڭ شەرىپى، ئىززەت-ھۆرمىتى، ۋە نۇمۇسىنى قوغداش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ بوينىدىكى مەجبۇرىيەتتۇر. مەسجىدى ئەقسا قاتارلىق قۇددۇستىكى ئىبادەتخانىلارغا ۋە مۇسۇلمانلارغا  قارىتىلغان ھەر بىر ھۇجۇم،  ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىزلەرگە قىلىنغان ھۇجۇمدۇر. ئۈچ دىننىڭ مۇقەددىساتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇددۇسنى ۋىجدانسىز، ئەخلاقسىز، قانۇنسىز ۋە ھۆرمەتسىز ھۇجۇملىرى بىلەن بۇلغىغان زالىملارغا قارشى تۇرۇش، ئۆزىنى ئىنسان دەيدىغان ھەر بىر كىشىنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر. ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ ھۇجۇمىنى سۈكۈتتە تۇرۇش ياكى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە قارشى پوزىتسىيە بىلدۈرمەسلىك ئارقىلىق ۋاسىتىلىك قوللىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى، ئۇ يەردىكى زۇلۇمغا ئورتاقتۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر