تۈركىيە كابۇلدىكى بىر مەكتەپ ئالدىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا بىر مەكتەپ ئالدىدا ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1636775
تۈركىيە كابۇلدىكى بىر مەكتەپ ئالدىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، پايتەخت كابۇلغا قاراشلىق دەشتى بەرچى رايونىدا بۈگۈن مەكتەپ ئالدىدا ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تېرورلۇق ھۇجۇمىدا ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز دېگەندە 30 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 50 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىغا دائىر خەۋەرنى ناھايىتى قايغۇرۇش ئىچىدە تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى،

باياناتتا، « مۇبارەك قەدىر كېچىسى كۈنىدە يۈز بەرگەن بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تېرورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، سادىر قىلغۇچىلارنى لەنەتلەيمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئادالەت ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، يىرگىنچلىك ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت ۋە يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەش بىلەن بىرگە، دوست، قېرىنداش ئافغانىستان خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تۈركىيەنىڭ چوڭقۇر تەزىيەسى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر