مۇستافا شەنتوپ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پەلەستىنگە ئالاقىدار باياناتىنى ھەمبەھىرلىدى

مۇستافا شەنتوپ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارلامېنتلار بىرلىكىنىڭ ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلغانلىىقىنى بىلدۈردى.

1636791
مۇستافا شەنتوپ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پەلەستىنگە ئالاقىدار باياناتىنى ھەمبەھىرلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارلامېنتلار بىرلىكىنىڭمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن مۇسۇلمانلىرىغا قىلغان زوراۋانلىقى ۋە زىيانكەشلىكىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇستافا شەنتوپ تىۋىتتېر ھىېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا،  ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارلامېنتلار بىرلىكىنىڭ ھەم ئىنگىلىزچە ھەم  ئەرەبچە ئېلان قىلغان باياناتىغا ئورۇن ئاجراتتى.

پارلامېنت باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارلامېنتلار بىرلىكىنىڭ باياناتىدىكى «قۇددۇس ۋە مۇقەددەس جايلىرىمىز بىزنىڭ قىزىل سىزىقىمىزدۇر. ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇس ۋە ھەرەم شەرىپنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىنى شۇنداقلا پەلەستىن خەلقىنىڭ قانۇنلۇق ھەق – ھوقۇقلىرىنى تالان تاراج قىلىشقا ئۇرۇنۇشلىرىنى ئەيىبلەشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن سۆزلەرگە ئالاھىدە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر