ئىزمىردا نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

ئىزمىر ۋىلايىتىنىڭ دكىلى ناھىيەسىدە قانۇنسىز يوللار بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ كەتمەكچى بولغان ۋە كېمىلىرىدە كاشىلا چىققانلىقى ئۈچۈن دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالغان 28 تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1636380
ئىزمىردا نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى، دىكىلى ناھىيەسىدىكى دېڭىز ساھىللىرىدا بىر گۇرۇپپا تەرتىپسىز كۆچمەننىڭ كېمىلىرىدە تېخنىكىلىق كاشىلا چىققانلىقتىن دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالغانلىقى ۋە ياردەم تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، 28 تەرتىپسىز كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى.

تەرتىپسىز كۆچمەنلەرنىڭ، رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر