شەنتوپ لاتۋىيەنىڭ قارارىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ لاتۋىيە پارلامېنتىنىڭ ئويدۇرما «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تۆھمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قارارنى قوبۇل قىلىشىنى ئەيىبلىدى.

1636444
شەنتوپ لاتۋىيەنىڭ قارارىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەنتوپ، لاتۋىيە پارلامېنتىنىڭ، 6 – ماي كۈنى، 1915 – يىلقى ۋەقەلەرنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاپ، ماقۇللىغان شەرمەندىلەرچە قارار ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ قارارغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «لاتۋىيە پارلامېنتىنىڭ،2021 – يىلى،  6 – ماي كۈنى، ئويدۇرما <ئىرقىي قىرغىنچىلىق> تۆھمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قارارنى ماقۇللىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، بۇنداق قانۇنسىز قارارنى رەت قىلىمىز، تارىخىي ۋەقەلەر ھەققىدە قارار ھەم ھۆكۈم چىقىرىش پارلامېنتلارنىڭ ۋەزىپىسى بولالمايدۇ.»

تارىخىي ھەقىقەتلەرنى بۇرمىلاشتىن باشقا غايىسى بولمىغان بۇ قارارنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن شەنتوپ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «خەلقئارا قانۇنغىمۇ خىلاپ بولغان بۇ قارارنىڭ كۈندىلىك ئاددىي غەرەزلەرگە ئاساسەن چىقىرىلغانلىقى ھەممىگە ئايان.»

شەنتوپ، لاتۋىيە پارلامېنتىنىڭ، لاتۋىيەنىڭ ئىشغال قىلىنىشىنىڭ 80 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا،  ئۆز دۆلىتى ئۈچۈن ئارزۇ قىلغاننى، دۇرۇس ۋە ئادىل پوزىتسىيەنى، بۇنىڭدىن 106 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن ۋەقەلەر مەسىلىسىدە تۈركىيە ئۈچۈن نامايەن قىلالماسلىقنىڭ ۋەھىمىلىك بىر زىددىيەت، سەمىمىيەتسىز بىر خىل پوزىتسىيە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «لاتۋىيە پارلامېنتىنى، تارىختىن دۈشمەنلىك چىقىرىدىغان رادىكال كۈچلەرنىڭ ئېڭىغا ئوت تۇتاشتۇرۇۋېتىشنىڭ ئورنىغا، ئاشۇ دەۋردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۈچۈن سۇنۇۋاتقان تەكلىپلىرىمىزگە، رايوندا تىنچلىق، ھۇزۇر ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش يولىدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىمىزنى قوللاشقا چاقىرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر