«قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىمىزنىڭ ئوق – دورىلىرىنى تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىۋاتىمىز»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ بارلىق ئوق – دورىلىرىنى تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1636532
«قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىمىزنىڭ ئوق – دورىلىرىنى تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىۋاتىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «81 ۋىلايەتتىن 560 ياش بىلەن ئەڭ ئۇزۇن ئىپتار داستىخېنى» پىروگراممىسىغا، ئىستانبۇلدىكى «ۋاھدەتتىن سارىيى» دىن ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق قاتناشتى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە،   تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ساھەسىدە ئېكسپورت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە كۈچلۈك بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ھەقىقىي مەنىدە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتكە ئاتلىنالىشىنىڭ بىر قىسىم شەرتلىرىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ شەرتلەردىن بىرى، تېخنولوگىيەلەرنى روياپقا چىقىرالايدىغان ۋە ئىشلەپچىقىرالايدىغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا ساھىب بولۇشتۇر. نۆۋەتتە جىددىي مەنىدە دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ساھەسىدە ئېكسپورت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە كۈچلۈك قۇرۇلمىغا ئىگەمىز. ئىمپورت ئەمەس ئېكسپورت. نۆۋەتتە بىز قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىمىزنىڭ بارلىق ئوق – دورىلىرىنىمۇ تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر