مىنىستىر سويلۇ جوھانسسوننى قوبۇل قىلدى
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ تۈركىيەدە خىزمەت زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئىچكى ئىشلارغا مەسئۇل كومىسسارى يلوۋا جوھانسسوننى قوبۇل قىلدى.
1635951
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئەنقەرەدە بىخەتەرلىك ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن، جوھانسسون «شەرەپ دەپتىرى» نى ئىمزالىدى، ئارقىدىن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارغا ئۆتۈلدى.
ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى كۆچمەنلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىق ۋە ۋىزىسىز ساياھەت مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.