ئونلارچە كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

بالىكەسىرنىڭ ئايۋالىق ناھىيەسىدە گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 30 كۆچمەن قۇتقۇزۇلۇپ، قۇرۇقلۇققا چىقىرىلدى.

1634905
ئونلارچە كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئايۋالىق ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدىكى بىر كامېر كېمىدە بىر تۈركۈم تەرتىپسىز كۆچمەنلەرنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى مەلۇم قىلىش ئۇچۇرىغا ئاساسەن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتكەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى خادىملىرى، گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە تەرەپكە قايتىشقا مەجبۇرلانغانلىقى ئېنىقلانغان 30 كۆچمەننى قۇتقۇزۇپ قۇرۇقلۇققا ئېلىپ چىقتى.

مەزكۇر كۆچمەنلەر مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەر بېجىرىلگەندىن كېيىن ئايۋالىق ناھىيەلىك قايتۇرۇۋېتىش مەركىزىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر