ئىبراھىم قالىن ياۋروپا تاراتقۇلىرىنىڭ مۇساپىرلارغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ياۋروپا مېدىياسىنىڭ مۇساپىرلارغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1635354
ئىبراھىم قالىن ياۋروپا تاراتقۇلىرىنىڭ مۇساپىرلارغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم قالىن ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى — تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ياۋروپا تاراتقۇلىرىنىڭ مۇساپىرلار توغرىسىدىكى بىر خەۋەردىن ئۈزۈندە ئورتاقلاشتى.  

باياناتچى ئىبراھىم قالىن، «ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدە يولغا قويغان دېڭىز يولى بىلەن كەلگەن مۇساپىرلارنى قايتۇرۇۋېتىش سىياسىتى سەۋەبىدىن كەم دېگەندە ئىككى مىڭ ئادەم ئۆلدى» دېگەن ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلگەن خەۋەرگە ئىشارەت قىلغان ھالدا: «ياۋروپا تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ خەۋىرى كۈنتەرتىپتىن ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالمايدۇ. ناھەق ئۆلۈپ كەتكەن ھەر بىر ئىنسان بىلەن بىرلىكتە ئىنسانلىق ئۆلۈشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر