تۈركىيەنىڭ مۇسۇلدىكى كونسۇلخانىسى قايتىدىن ئېچىلىدۇ

تۈركىيەنىڭ ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

1635382
تۈركىيەنىڭ مۇسۇلدىكى كونسۇلخانىسى قايتىدىن ئېچىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن تۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ: «مۇسۇلدىكى كونسۇلخانىمىز خىزمەتكە چۈشۈشكە تەييار ھالەتكە كەلتۈرۈلۈپ، قايتىدىن خىزمىتىنى باشلايدۇ. رايونىمىزنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە باياشاتلىقى ئۈچۈن كېچە – كۈندۈز دېمەستىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان تۈركىيە، مۇسۇلدىكى قېرىنداشلىق مۇھىتىغا قايتىدىن خىزمەت قىلىدۇ. دۆلىتىمىز ۋە رايونىمىزغا خەيرلىك بولسۇن!» دېدى.

تۈركىيەنىڭ مۇسۇل باش كونسۇلى مەھمەت كۈچۈكساقاللىمۇ تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «پىراق ئاخىرلاشتى، ئەمدى مۇسۇلدىمىز. خەيرلىك بولسۇن، ياخشىلىقلارغا ۋاسىتە بولسۇن» دېدى.

تۈركىيەنىڭ مۇسۇل كونسۇلخانىسى 2014 – يىلى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن تاقىۋېتىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر