ئامېرىكادا 39 يىل ئىلگىرى شەھىد قىلىنغان دىپلومات ئورخان گۈندۇز ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن خاتىرلەندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 39 يىل ئىلگىرى تۈركىيەنىڭ بوستوندىكى پەخرىي باش كونسۇلى بولۈپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، ئەرمېنىيە تېرورلۇق تەشكىلاتى «JCAG» تەرىپىدىن شەھىد قىلىنغان دىپلومات ئورخان گۈندۇز ئۈچۈن خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

1634306
ئامېرىكادا 39 يىل ئىلگىرى شەھىد قىلىنغان دىپلومات ئورخان گۈندۇز ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن خاتىرلەندى
abd diplomat orhan gunduz.jpg
abd diplomat orhan gunduz.jpg
abd diplomat orhan gunduz.jpg
abd diplomat orhan gunduz.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ پەخرىي باش كونسۇلى ئورخان گۈندۇز سومېرۋىللەدىكى ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئاپتوموبىلىغا چىقىۋاتقان پەيتتە سۇيىقەستكە ئۇچرىغان  كوچىدا ۋە قەبرىسى بېشىدا خاتىرىلەندى.

تۈركىيەنىڭ بوستون كونسۇلخانىسى خادىملىرى ۋە تۈركىيە - ئامېرىكا جەمئىيىتى قاتناشقان خاتىرىلەش پروگراممىسىدا، بوستون باش كونسۇلى جەيلان ئۆزەن ئەرىشەن سۆز قىلىپ، ئورخان گۈندۇزنىڭ ھاياتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە بىر دىپلوماتقا قىلىنغان بۇ يىرگىنچلىك ھۇجۇمنىڭ ھەق- ئادالەتكە قەتئىي شىغمايدىغانلىقى ئېيتتى.

تۈركىيە - ئامېرىكا جەمئىيىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئەرمەنى تېررورىزمى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان دىپلوماتنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىنى ئەيىبلەپ ئۇچۇر ۋە سۈرەتلەرنى كەڭ ھەمبەھىرلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر