ئەردوغان مېركېل بىلەن تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى.

1634752
ئەردوغان مېركېل بىلەن تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ سىنلىق كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، تۈركىيە-گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيەنىڭ ئومۇمىي سايلام مۇساپىسى ئىچىگە كىرگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ خەيرىلىكلەرگە ۋەسىلە بولۇشىنى تىلىدى. ئۇ يېڭى مەزگىلدە، تۈركىيە-گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سالماق شەكىلدە ئىستراتېگىيەلىك نەزەر بىلەن تەرەققىي قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ يوقالماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، گىرېتسىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەگەدە خەلقئارالىق قانۇن ۋە ۋىجدانغا خىلاپ بولغان «مۇساپىرلارنى تۈركىيەگە ئىتتىرىش» ھادىسىلىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپەيگەن ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، شۇنداق بولسىمۇ، ئىجابىي كۈنتەرتىپنى قوغداش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ تەمكىن پوزىتسىيەدە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ناتونىڭ ئىمكانىيىتى ۋە قابىلىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئافغانىستانغا بولغان ياردىمىنى ئەڭ ئۈنۈملۈك شەكىلدە قانداق داۋاملاشتۇرالايدىغانلىقى مەسىلىسىنىمۇ مۇزاكىرە قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ لىۋىيەنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن بولسا، مىللىي ئىتتىپاق ھۆكۈمىتىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقلىرىنى، بۇ رامكىدا گېرمانىيە بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر