ئەردوغان بەكىر دىكمەننىڭ ئۆيىدە ئىپتار قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ئائىلىنىڭ ئىپتارلىق مېھمىنى بولدى.

1634112
ئەردوغان بەكىر دىكمەننىڭ ئۆيىدە ئىپتار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدىن چىقىپ، ئەنقەرەنىڭ ئاياش ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بەكىر دىكمەننىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ ئىپتار قىلدى.

ئەردوغان بەكىر دىكمەن ئائىلىسى بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە بالىلارغا ئويۇنچۇق تارقاتتى.

ئەردوغاننىڭ بەكىر دىكمەننىڭ ئۆيىدىكى ئىپتار زىياپىتىگە يېزا ئىگىلىك ۋە ئورمانچىلىق ئىشلىرى مىنىستىرى بەكىر پاكدەمىرلىمۇ قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر