تۈركىيە ھەيئىتى مىسىردا...
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدات ئۆنال باشچىلىقىدىكى تۈركىيە ھەيئىتى، 5 -، 6 – ماي كۈنلىرى مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككى تەرەپ سىياسىي سۆھبەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىدۇ.
1634181
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي كېڭەش سۆھبەتلىرىنىڭ تۈركىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باش ئەلچى سەدات ئۆنال بىلەن مىسىر مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باش ئەلچى ھەمدى ساناد لوزانىڭ رىياسەتچىلىكىدە 5 - ، 6- ماي كۈنلىرى قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.