جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئال سۇئۇد بىلەن تېلېفونلاشتى.
1634100
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمانغا تېلېفون قىلىپ، يېقىنلىشىۋاتقان قەدىر كېچىسى ۋە روزا ھېيتىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى؛ سۆھبەت جەريانىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ھەمدە ئۆزئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.