ھۇلۇسى ئاكار باشچىلىقىدىكى رەھبەرلەر گۆلجۈك دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرىنى كۆزدىن كەچۈردى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار «پەنجە-چاقماق ھەربىي ھەرىكەتلىرى» دە بىر تەرەپ قىلىنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەزا تېررورىست سانىنىڭ 68 گە چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1634266
ھۇلۇسى ئاكار باشچىلىقىدىكى رەھبەرلەر گۆلجۈك دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرىنى كۆزدىن كەچۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار، ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى ياشار گۈلەر، دېڭىز ئارمىيە قوماندانى ئادنان ئۆزبال قاتارلىق رەھبەرلەر گۆلجۈك دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

مىنستىر ھۇلۇسى ئاكار 2021-يىلى 23-ئاپرېل «پەنجە-چاقماق ھەربىي ھەرىكەتلىرى» نىڭ باشلانغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا: «بۇ ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىز مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملىشىۋاتىدۇ. بىر قانچە كۈن ئالدىدىكى ھەربىي ھەرىكەتتە بىر ئۆڭكۈردە ئالتە تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى. 23-ئاپرېلدىن بۈگۈنگىچە جەمئىي 68 تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى» دېدى.

ئۇ سۆزىدە، قىبرىسنىڭ تۈركىيەنىڭ مىللىي دەۋاسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئارالدا ئىككى دۆلەتلىك بىر قۇرۇلمىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيەگە قارشى تەھدىت بىلەن بىر يەرگە بارالمايدىغانلىقلىرىنى بىلىشىنى كۈتمەكتىمىز.»

ئۇ تۈركىيەنىڭ ئەگە، شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە قىبرىستىكى مەيدانى ئارقىلىق مەسىلىلەرنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئىزدىنىشلىرىنىڭ يولىنى ئاچقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەنىڭ ھېچكىمنىڭ زېمىنىدا، سۈيىدە ۋە ھەق-ھوقۇقىدا كۆزىنىڭ يوقلۇقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «ھەممە كىشىنىڭ زەررىچىلىك ھەق-ھوقۇقىمىزغا خىلاپلىق قىلىشقا يول قويمايدىغانلىقىمىزنى بىلىشى كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر