چاۋۇشئوغلۇ سىلوۋېنىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان سىلوۋېنىيەدە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانزې لوگار بىلەن كۆرۈشتى.

1633844
چاۋۇشئوغلۇ سىلوۋېنىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېلەر قېتىملىق نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان سىلوۋېنيەنىڭ پايتەختى لىيۇبىليانادىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، سىلوۋېنىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لوگار بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى، ئارقىدىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

چاۋۇشئوغلۇ، بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئۇچرىشىشلارنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ بەزىسىدە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە مەسىلىلەر كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى، جۈملىدىن، ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە ئانتى سېمىتىك ھۇجۇملارنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلىلەرگە قارشى ھەممىمىز بىرلىكتە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.»

سىلوۋېنىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانزېر لوگارمۇ، چاۋۇشئوغلۇنىڭ لىۋىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرى ۋە ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆزلىرىگە مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ بىزگە نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، كۆچمەنلەر مەسىلىسىدىكى كېلىشىمنىڭ يېڭىلىنىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسى ئەسناسىدا سىلوۋېنىيە ئۈچۈن مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىدىن بىرى بولىدۇ.»

ئۇ، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇشقا ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

چاۋۇشئوغلۇ، ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى مۈفتۈ نەدزاد گرابۇس بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولدى، ھەمدە ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئۇچرىشىشتا، سىلوۋېنيەنىڭ پايتەختى لىيۇبىليانادىكى تۇنجى جامە قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ خىزمەتكە كىرىشتۈلۈشى مۇناسىۋىتى بىلەن،  يېقىندا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى مۈفتۈ نەدزاد گرابۇسنى تەبرىكلىدۇق، ھەمدە توغرا رەھبەرلىكى ۋە خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈردۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر