تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 347 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازاقىلغانلارنىڭ سانى 347 كىشىىگە يەتتى.
1633213
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيان قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 41 مىڭ 191 كىشىگە يەتتى.
يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 243 مىڭ 648 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 2501 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. كۈندىلىك يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلگەنلەرنىڭ سانى 24 مىڭ 733 گە يەتتى.
ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 35 مىڭ 438 كىشىنى قوشقاندا، ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 4 مىليون 515 مىڭ 819 كىشىگە يەتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان رومىنىيە پرېزىدېنتى كىلائۇس يوھاننىس بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن رومىنىيە پرېزىدېنتى كىلائۇس يوھاننىس بىلەن تېلېفونلاشتى.