فاھرەتتىن ئالتۇن: قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىش چارىسى، ئىككى دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوبۇل قىلىش

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى  باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن قىبرىس مەسىلىسىنىڭ بىردىنبىر ھەل قىلىش چارىسىنىڭ باراۋەرلىككە ۋە مۇستەقىللىققا ئىگە ئىككى دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوبۇل قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1632254
فاھرەتتىن ئالتۇن: قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىش چارىسى، ئىككى دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوبۇل قىلىش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاھرەتتىن ئالتۇن قىبرىس مەسىلىسى ھەققىدە تىۋىتتېر ھېسابىدا بايانات ئېلان قىلدى.

فاھرەتتىن ئالتۇن يىللاردىن بۇيان ھەل قىلىنالمايۋاتقان قىبرىس مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا سەھنىدە تۈركىيە ئوتتۇرىغا قويغان كۈچلۈك ئىرادە بىلەن ھەقلىق رەۋىشتە مۇنازىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئارالدىكى تۈركلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا سەل قاراش ئارقىلىق قىبرىس مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. قىبرىستا بىردىنبىر ھەل قىلىش چارىسى، باراۋەرلىككە ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئىككى دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوبۇل قىلىشتۇر» دېدى.  

فاھرەتتىن ئالتۇن تىۋىتتېردىكى يازمىسىغا، جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى  تەرىپىدىن تەييارلانغان سىننى قوشۇپ ھەمبەھىرلىدى.

سىندا، ئۆتمۈشتىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان ۋە نەتىجىسىز قالغان قىبرىس مۇزاكىرىلىرى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قىبرىس مەسىلىسىدىكى رولى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر