تۈركىيەنىڭ سۇ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

چاناققەلئە ۋىلايىتىنىڭ ئايۋاجىق ناھىيەسىدە گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ سۇ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 56 تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1631825
تۈركىيەنىڭ سۇ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى، «قادىرگا تۇمشۇقى» ساھىللىرىدا، بىر كېمىدە بىر گۇرۇپپا تەرتىپسىز كۆچمەننىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ سۇ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 56 تەرتىپسىز كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى.

تەرتىپسىز كۆچمەنلەر، رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، ئايۋاجىق چەت ئەللىكلەرنى قايتۇرۇۋېتىش مەركىزىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر