تۈركىيە ئافغانىستانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئافغانىستاندا ئىپتار ۋاقتىدا يۈز بەرگەن بومبىلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە  باياناتى ئېلان قىلدى.

1631848
تۈركىيە ئافغانىستانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ، ئافغانىستاننىڭ لوگار ۋىلايىتىنىڭ مەركىزىي ناھىيەسى پۇلى ئالەمدە ئىپتار ۋاقتىدا يۈز بەرگەن بومبىلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندا كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: « بۇ قەبىھ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئېلىپ بارغۇچىلارنى لەنەتلەيمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئادالەت ئالدىدا ھېساب بېرىشىگە تىلەكداشمىز، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز، دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئافغانىستان خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز.»

تۈنۈگۈن، ئافغانىستاننىڭ لوگار ۋىلايىتىدە ئىپتار ۋاقتىدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا 30 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 90 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر