تۈركىيە ئىچكى لىنىيەدە كۈندىلىك ئايروپىلان سەپەرلىرىدە ياۋروپا بويىچە بىرىنچى بولدى
تۈركىيە ئىچكى لىنىيەدە يېقىنقى 2 ھەپتە ئىچىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئايروپىلان سەپەرلىرىدە كۈندىلىك ئوتتۇرىچە 752 ئۇچۇش بىلەن، ياۋروپا ھاۋا يول باشلاش بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ تىزىملىكىدە بىرىنچى رەتكە تىزىلدى.
1632031
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ھاۋا يول باشلاش بىخەتەرلىك تەشكىلاتى (EUROCONTROL) نىڭ 29 – ئاپرېل ئايروپىلان سەپەرلىرىگە ئالاقىدار دوكلاتىغا قارىغاندا، تۈركىيە ئىچكى لىنىيەدە كۈندىلىك ئوتتۇرىچە 752 ئۇچۇش بىلەن، بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى ئورۇن ئالغان تىزىملىكتە ئالدىنقى رەتكە تىزىلغان.
تۈركىيەدىن قالسا، 708 ئۇچۇش بىلەن فىرانسىيە 2 -، 701 ئۇچۇش بىلەن نورۋېگىيە 3 – رەتكە تىزىلغان.