تۈركىيە قىسىملىرى تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىغا كىرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «پەنجە – چاقماق» ۋە «پەنجە – گۈلدۈرماما» ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنىڭ داۋاملىق يەر بىلەن يەكسان قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1631968
تۈركىيە قىسىملىرى تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىغا كىرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان <پەنجە – چاقماق> ۋە <پەنجە – گۈلدۈرماما> ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز.»

باياناتتىن، ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا، ئەسكەرلەرنىڭ غارلاردا ۋە رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاختۇرۇش – تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنۈشلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر