ئاكار تۈركىيە ئارمىيەسىنڭ ئاز كۆرۈلىدىغان ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ دۇنيادا ئاز ساندىكى ئارمىيەلەر ئېرىشەلەيدىغان يۇقىرى تېخنىكا تەمىنلىگەن ئەۋزەللىك ۋە مەشغۇلات ئارتۇقچىلىقلىرىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1631233
ئاكار  تۈركىيە ئارمىيەسىنڭ ئاز كۆرۈلىدىغان ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ھۇلۇسى ئاكار ماشىنا ۋە خىمىيە سانائىتى ئىدارىسى بارۇتسان راكېتا ۋە پارتلاتقۇچ فابرىكاسىدا سۆز قىلدى.

ئۇ تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىدا سۈرىيە ۋە شىمالىي ئىراقتا، قىبرىستا، ئەزەربەيجاندا، لىۋىيەدە، شەرقىي ئاقدېڭىزدا ۋە باشقا نۇرغۇن جايلاردا، تۈركىيەنىڭ ھەمدە دوست- قېرىنداشلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش، رايونلۇق ۋە يەر شارى تىنچلىقى ھەمدە مۇقىملىقىغا ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن زور پېداكارلىق كۆرسىتىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بىۋاستە يوليورۇقىغا ئاساسەن، ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كەسكىن ۋە ئۈنۈملۈك كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ: «ھازىر تۈركىيە ئارمىيەسى ئېرىشەلەيدىغان يۇقىرى تېخنىكا تەمىنلىگەن ئەۋزەللىك ۋە مەشغۇلات ئارتۇقچىلىقلىرىغا ئىگە. بۇ نەتىجىلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئارمىيەمىزنى تېخىمۇ كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە ۋە سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، سىستېمىلىرىمىزنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى تېخنىكىلارغا ئىگە قىلىش مەجبۇرىي ھالغا كەلدى» دېدى.

ئۇ، بۇ رامكىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قوللىشى ۋە ئىلھام بېرىشى ئاستىدا، مۇداپىئە سانائىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا ھەر قايسى ساھەلەردە مۇھىم  ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر