ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى

ئىراقنىڭ شىمالىدا داۋاملىشىۋاتقان «پەنجە-چاقماق ھەرىكىتى رايونى» دا يارىلانغان ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى.

1631557
ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىككى ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «ئىراقنىڭ شىمالىدا داۋاملىشىۋاتقان‹پەنجە-چاقماق ھەرىكىتى› دائىرىسىدە، 28-ئاپرېلدا تانكا ئاتار بىلەن قىلىنغان ھۇجۇمدا يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بىر قەھرىمان ئەسكىرىمىز بىلەن، 30-ئاپرېل تىك ئۇچاردىن سەكرەش جەريانىدا يارىلانغان يەنە بىر  ئەسكىرىمىز داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئوخشاش بىر كۈندە شېھىت بولدى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر