تۈركىيەدە بۈگۈن 394 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 394كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1631776
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 394كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 40 مىڭ 131گە يەتتى.
بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 265مىڭ 287ئادەمنىڭ 2 مىڭ 673نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.
كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 31مىڭ 891گە يەتتى.
سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ بالنىستتىن چىققان 69مىڭ 183ئادەمنى قوشقاندا جەمئىي سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 4 مىليون 323مىڭ 897گە يەتتى.