تانەر جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي بىلەن تېلېفونلاشتى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئەرسان سانەر دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي بىلەن تېلېفونلاشتى.

1631202
تانەر جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى سانەر بىلەن فۇئات ئوقتاينىڭ تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن قىبرىس سۆھبەتلىرى ھەمدە تۈركىيە – شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئىقتىسادىي ۋە مالىيە ھەمكارلىقى كېلىشىمى دائىرىسىدە قىلىنىدىغان خىزمەتلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

باش مىنىستىر سانەر جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ ناھايىتى پايدىلىق بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) يۇقۇمىنى غەلىبىلىك ھالدا ئارقىدا قالدۇرۇشى، ئوتتۇرىغا چىققان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەل قىلىنىشى ۋە ئۆز – ئۆزىگە خوجا، مۇستەقىل شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ئۆزىگە لايىق ئورۇنغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى تولۇق قوللاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئانا ۋەتەن تۈركىيەنىڭ ياردىمى سايىسىدا ماي ئېيىدىن تارتىپ ئۇل ئەسلىھە خىزمەتلىرىنى باشلايدىغانلىقىنى ۋە دۆلىتىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە گويا بىر قۇرۇلۇش ئورنىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن سانەر: «ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە خىزمەتلەرنىڭ سۈرئىتىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار چوقۇم قىلىنىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر