چاۋۇشئوغلۇ ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن ھال سورىدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، كوۋىد – 19 يۇقۇمى داۋالىنىشى ئاخىرلاشقان ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھانىف ئاتماردىن ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسى ئارقىلىق ھال سورىدى.

1631243
چاۋۇشئوغلۇ ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن ھال سورىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «قېرىندىشىم، سەللىمازا ساقايغانلىقىڭ ئۈچۈن سۆيۈندۈم. يېقىنىدا كۆرۈشۈپ، خەلقىمىز ۋە رايونىمىز ئۈچۈن مۇھىم بولغان مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئاتمار، كوۋىد – 19 يۇقۇمىدىن قۇتۇلغانلىقىنى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مەنپىي چىققانلىقىنى ئۇقتۇرغان، ئۆزىنى داۋالىغان تۈرك دوختۇرلار ۋە سەھىيە خادىملىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر