ئەردوغان ياۋروپادىكى تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپادىكى بىر قىسىم تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى.

1630441
ئەردوغان ياۋروپادىكى تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان قوبۇلغا ئىشتىراك قىلغان شەخسلەر تۆۋەندىكىچە:

خەلقئارا دېموكراتلار بىرلىكى رەئىسى كۆكسال قۇش، ياۋروپا مىللىي كۆرۈش تەشكىلاتلىرى رەئىسى كەمال ئەرگۈن، ياۋروپا ئۈلكۈجۈ تۈرك جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيەسى رەئىسى شەنتۈرك دوغرۇيول، ياۋروپا تۈرك – ئىسلام بىرلىكى رەئىسى دۇرمۇش يىلدىرىم، دىنىي ئىشلار  تۈرك - ئىسلام بىرلىكى رەئىسى قازىم تۈركمەن، خايرات فوندىنىڭ ياۋروپا ۋەكىلى مەھمەت كۆرئوغلۇ، ياۋروپا ئەھلىبەيت فېدېراتسىيەسى رەئىسى فۇئات مەنسۇرئوغلۇ، مۇستەقىل سانائەتچىلەر ۋە كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ ياۋروپا كومىتېتى مەسئۇلى بۇرھان ساغلام ۋە بارلىق سانائەتچىلەر ۋە كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ ياۋروپا ئىشلىرى رەئىسى جاھىت كەرەنجىلەر.

تۈركىيە سىرتدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ ۋە گېرمانىيەدىن كەلگەن 9 تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى، تۈنۈگۈن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانىدى.

شەنتوپ، بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ گېرمانىيەدىكى تۈركلەرنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە تېخىمۇ كۈچلۈك نوپۇزغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى تەشۋىق قىلىش لازىملىقىنى، ئۇلارغا ماس قەدەمدە ۋە بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئىچىدە رەھبەرلىك قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر