تۈركىيەدە بۈگۈن 339 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 339كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1631027
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 339كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 39 مىڭ 737گە يەتتى.
بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 278مىڭ 108ئادەمنىڭ 2 مىڭ 715نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.
كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 43مىڭ 253كە يەتتى.
سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ بالنىستتىن چىققان 43مىڭ 253ئادەمنى قوشقاندا جەمئىي سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 4 مىليون 255مىڭ 714كە يەتتى.