«تەنتەربىيە ۋە سەنئەتتە ياۋروپاغا مەنسۇپ بىر دۆلەتنىڭ ئۇنىڭغا ئەزا بولماسلىقتەك بىر تاللىشى يوق»

باش ئەلچى فارۇق قايماقجى، تەنتەربىيە ۋە سەنئەتتە ياۋروپاغا مەنسۇپ بىر دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولماسلىقتەك بىر تاللىشىنىڭ يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1630608
«تەنتەربىيە ۋە سەنئەتتە ياۋروپاغا مەنسۇپ بىر دۆلەتنىڭ ئۇنىڭغا ئەزا بولماسلىقتەك بىر تاللىشى يوق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى باش ئەلچى فارۇق قايماقجى، تەنتەربىيە ۋە سەنئەتتە ياۋروپاغا مەنسۇپ بىر دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولماسلىقتەك بىر تاللىشىنىڭ يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ياۋروپا ئىتتىپاقى ماسلىشىش ئىشلىرى كومىتېتى تۈنۈگۈن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى شانلىئۇرفا پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت قاسىم گۈلپىنارنىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن چاقىردى؛ يىغىندا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى باش ئەلچى فارۇق قايماقجى سۆز قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىدارىسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق مۇساپىسىدە بەل قويۇۋەتمەستىن خىزمەت ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن قايماقجى: «سىياسىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، جۇغراپىيە، تارىخ، ئىقتىساد، سودا، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ۋە سەنئەتتە ياۋروپاغا مەنسۇپ بىر دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولماسلىقتەك بىر تاللىشى يوق. بۇنداق بىر ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك؛ نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى ياۋروپا قىتئەسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە قارار چىقارغۇچىسىغا ئايلاندى. ئەگەر بىز مېكسىكا ياكى ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر دۆلەت بولغان بولساق ئىدۇق، <ياۋروپا ئىتتىپاقى بىزگە بەك تەسىر كۆرسىتىپ كېتەلمەيدۇ> دېيەلەيتتۇق، ئەمما بىزنىڭ ئۇنداق بىر تاللىشىمىز يوق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تەكلىپ قىلىنغان شېرىكچىلىك ياكى ئالاھىدە مۇناسىۋەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئەمەلىيەتتىمۇ بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن قايماقجى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تاموژنا بىرلىكى مۇناسىۋىتى بولغان، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق مۇداپىئە، خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرىنى تۈركىيەدە قوللىغان، ياۋروپا ئىتتىپاقى پىلانلىرىغا تۈركىيەدەك ئىشتىراك قىلغان بىر دۆلەتنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك دىيالوگ يىغىنلىرىنىڭ ۋە تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنلىرىنىڭ مۇنتىزم شەكىلدە چاقىرىلىشى تەرەپدارى ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، بۇ يەردىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي توسالغۇلىرىنىڭ بارلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر