سۇلايمان سويلۇ 5 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ دىيارباكىرنىڭ لىجە ناھىيەسىگە قاراشلىق يېزىلاردا ئېلىپ بېرىلغان «ئەرەن 2» ھەرىكىتىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 5 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1630903
سۇلايمان سويلۇ 5 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇلايمان سويلۇ تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن يازمىسىدا، «ئەرەن 2 ھەرىكىتى نەتىجىسىدە، دىيارباكىرنىڭ لىجە ناھىيەسى يېزىلىرىدا  5 تېرورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى. بۇ دۆلەتنىڭ يېگىت ئەۋلىرىغا ۋە قەھرىمان ژاندارمىمىزغا ھالال بولسۇن» دېدى.

«ئەرەن 2» ھەرىكىتى ھەققىدە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ  ئەرەن 2  ھەرىكىتى دائىرىسىدە، دىيارباكىرنىڭ لىجە ناھىيەسىگە قاراشلىق يېزىلىرىدىكى بىخەتەرلىك قىسىملىرى، قوراللىق ۋە قورالسىز ئۇچقۇچىسىز ئويروپلانلار، ئاتاك تىك ئۇچار ئايروپىلانى ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ياردىمى بىلەن تېررورچىلارغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت جەريانىدا، پ ك ك نىڭ ئاتالمىش ​​ئالاھىدە قىسىم ئوفىتسېرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 تېرورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى ۋە رايوندا ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر