چاۋۇشئوغلۇ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى تولۇق قوللىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

ب د ت باشچىلىقىدا قىبرىس تەرەپلىرى بىلەن كاپالەتچى دۆلەتلەر بولغان تۈركىيە، گىرېتسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ قاتنىشىشىدا، «قىبرىس» تېمىلىق يىغىن ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى.

1630092
چاۋۇشئوغلۇ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى تولۇق قوللىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرس كونفېرانسقا رىياسەتچىلىك قىلدى. كونفېرانس ئەنقەرە ۋاقتى 11:20 ئۆتكەندە باشلاندى.

ئاخباراتقا يېپىق يىغىنلار ب د ت نىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى ئىشخانىسىدا ئېچىلماقتا.

ئانتونىيو گۇتېرس ھەر قايسى دۆلەت ھەيئەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى شەرىپىگە كەچلىك تاماق زىياپىتى بېرىدۇ. كونفېرانس ئەتە (2021-يىلى 29-ئاپرېل) ئاخىرلىشىدۇ.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۋىتېتردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ: «قىبرىس كونفېرانسىدا تۈرك تەرەپنىڭ باراۋەر ئىگىلىك ھوقۇق ۋە باراۋەر خەلقئارالىق سالاھىيەت نىشانىنى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەكلىپىنى تولۇق قوللىدۇق» دېدى.

ئۇ فېدېراتسىيە چارىسىنىڭ، نېمە ئۈچۈن مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنىمۇ چۈشەندۈرگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئادىل، ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان ھەل قىلىش چارىسى، پەقەت ئارالدىكى ھەقىقەتلەر ئاساسىدا ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن.»

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئەرسان سانەر بايراق تېلېۋىزىيەسىنىڭ «سەرلەۋھە +» پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ: «ھازىرچە ئارزۇ قىلغان نۇقتىمىزغا يېتەلمىدۇق، بۇ ئۇچرىشىشلارنىڭ قانداق ئەكس ئېتىدىغانلىقىنى بىرلىكتە كۆرىمىز» دېدى.

ئۇ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار بىلەن زىچ ئالاقە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرسنىڭ قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ كەسكىن مەيدانىنى ئېنىق چۈشەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «بۈگۈن جەنۋەدىكى ناھايىتى ئالدىراش بىر كۈن بولىدۇ. نۇرغۇن مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ ۋە قانداق ھەل قىلىش پىلانىنى بېكىتىش ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ئېمبارگولار ئاستىدا، يالغۇزسىزلاشتۇرۇشنىڭ ئاستىدا يەنە 53 يىل تۇرۇشىنى ھېچكىم كۈتمىسۇن. ئەمدى بۇ مۇمكىن ئەمەس» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر