تۈركىيەدە بۈگۈن 346 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 346كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1629491
تۈركىيەدە بۈگۈن 346 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 346كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 39 مىڭ 57گە يەتتى.

بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 282مىڭ 192ئادەمنىڭ 2 مىڭ 703نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.

كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 43مىڭ 301گە يەتتى.

سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ بالنىستتىن چىققان 45مىڭ 592ئادەمنى قوشقاندا جەمئىي سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 4 مىليون 167مىڭ 263كە يەتتى.


خەتكۈچ: #ۋابا , #ۋىرۇس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر