تۈركىيە نىگېرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.
1628885
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، نىگېرىيەنىڭ بورنو ئۆلكىسىدە بىر ھەربىي ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قارشى سادىر قىلىنغان تۈنۈگۈنكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 31 ئەسكەرنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.