شىمالىي ئىراقتا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ شىمالىي ئىراقتا داۋاملىشىۋاتقان «پەنچە – چاقماق» زەربە بېرىش ھەرىكىتى رايونىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

1630387
شىمالىي ئىراقتا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ شىمالىي ئىراقتا داۋاملىشىۋاتقان «پەنچە – چاقماق» زەربە بېرىش ھەرىكىتى تەۋەلىكىدىكى بىر ھەربىي بازىغا قىلغان ھۇجۇمىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى، ئىككى ئەسكەر يارىلاندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، يارىدار ئەسكەرلەرنىڭ بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر