چاۋۇشئوغلۇ كارتېرون بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە Crans Montana Forumu  نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە پەخرىي رەئىسى باش ئەلچى يېئان پائۇل كارتېرون بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

1629442
چاۋۇشئوغلۇ كارتېرون بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 5+ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەيرىي رەسمىي قىبرىس كونفېرانسىدا كاپالەتچى دۆلەتلەردىن تۈركىيەگە ۋاكالىتەن جەنۋەگە كەتكەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا،  Crans Montana Forumu  نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە پەخرىي رەئىسى باش ئەلچى يېئان پائۇل كارتېرون بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئۇچرىشىشتا، Crans Montana Forumu بىلەن ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى ئوتتۇرىسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغۇسى ھەمكارلىق ۋە قىبرىسقا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر