ئەردوغان: تۈرككە، تۈرك خەلقىگە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تامغىسىنى ئۇرالمايسىلەر

ئەردوغان جو بايدىننىڭ بىر ئەسىردىن ئارتۇق يىل ئىلگىرى(1915)يۈز بەرگەن ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر توغرىسىدا «مۇۋازىنەتسىز، ئادالەتسىز ۋە ھەقىقەتلەرگە خىلاپ سۆزلەرنى» قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تۈرككە، تۈرك خەلقىگە ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› تامغىسىنى ئۇرالمايسىلەر» دېدى.

1628768
ئەردوغان: تۈرككە، تۈرك خەلقىگە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تامغىسىنى ئۇرالمايسىلەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كابېنت يىغىنىدىن كېيىن، مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

ئۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ 1915-يىل ۋەقەلىرىنى نامدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «بۇنى رادىكال ئەرمەنلەر ۋە تۈركىيەگە قارشى بولغان گۇرۇپپىلارنىڭ بېسىمى بىلەن دېگەنلىكىنى بىلىمىز. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەگەر بىز بىلەن تارىخ مەسىلىسىدە مۇسابىقىگە چۈشمەكچى بولسا، ئۇلار ئىنسانلارنىڭ يۈزىگە قارىيالمايدىغان ئەھۋالغا كېلىپ قالىدۇ. بۇنى بىز ئەمەس، ياۋروپالىق تارىخچىلار شۇنداق دەيدۇ. ئەگەر ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەيدىغان ئىشىڭلار بولسا، ئەينەككە قارىۋىتىپ گەپ قىلىشىڭلار لازىم. ئوسمانلى ئەرمەن نوپۇسىنى باشقا جايلارغا پالىمىغان، پەقەت يېرىنى ئالماشتۇرغان. ئۇلارغا بىر ھەپتە ۋاقىت بەرگەن ۋە قىيىنچىلىقى بولغانلارنى مۇستەسنا تۇتقان. بۇلارنىڭ سانى ئامېرىكا دوكلاتلىرىدىمۇ ئەڭ كۆپ بولغاندا 600 مىڭ دېيىلىدۇ. ئەمما، ھەقىقىي سان بۇنىڭدىنمۇ ئاز» دېدى.

ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئەرمەنلەر قىرغىن قىلغان تۈركلەرنىڭ كوللېكتىپ مازارلىقلىرىنىڭ نۇرغۇن جايلاردا تېپىلغانلىقىنى، بىراق ھېچقانداق يەردە ئەرمەنلەرگە تەۋە مازارلىقلارنىڭ تېپىلمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ: «24-ئاپرېل تارىخىدا ئىنسانىي تىراگېدىيەگە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ۋەقە يۈز بەرمىگەن. 1915-يىل 24-ئاپرېل، ئوسمانلى دۆلىتىگە قارشى ھەرىكەت قىلغان تەشكىلاتلارنى تارقىتىپ، 235 كاتتىبېشى تۇتۇلغان كۈن. ئەرمەن قارا گۇرۇھلىرى ئوسمانلى ئارمىيەسى ياكى شەھەرلەرنى قوغداۋاتقان ئەسكەرلەر بىلەن توقۇنۇشماي، قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى يوق كىشىلەرنى قىرغىن قىلغان. بارلىق ھەقىقەتلەر ئوتتۇرىدا تۇرسا، قوپۇپ تۈرككە، تۈرك خەلقىگە ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› تامغىسىنى ئۇرالمايسىلەر. تارىختا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە ھەقىقەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئىشىنى سىياسەتچىلەر ئەمەس، تارىخچىلار قىلىشى كېرەك. يىللاردىن بېرى دېيىلىۋاتقان ئەرمەن دەۋالىرى مەسىلىسىدە ئورتاق تارىخ كومىتېتى قۇرۇش تەكلىپىمىزگە ھازىرغىچە جاۋاب ئالالمىدۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر