ئەردوغان تاتار بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەگە كەلگەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار بىلەن كۆرۈشتى.

1628598
ئەردوغان تاتار بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرسىن تاتار، 27 – 29 – ئاپرېل كۈنلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، قىبرىسلىق تەرەپلەر ۋە كاپالەتچى دۆلەتلەر  تۈركىيە، گىرېتسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشىدا، 5+1 فورماتسىيەسىدە جەنۋە چاقىرىلىدىغان، «قىبرىس مەسىلىسى» تېمىلىق كونفېرانس ھارپىسىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلدى.

قويۇق ئۇچرىشىش كۈنتەرتىپى بولغان ئەرسىن تاتار بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە بىر يەرگە جەم بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر