تۈركىيەدە بۈگۈن 353 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 353كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1628772
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 353كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 38 مىڭ 711گە يەتتى.
بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 286مىڭ 893ئادەمنىڭ 2 مىڭ 716نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.
كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 37مىڭ 312گە يەتتى.
سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ بالنىستتىن چىققان 48مىڭ 27ئادەمنى قوشقاندا جەمئىي سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 4 مىليون 121مىڭ 671گە يەتتى.