سويلۇ: «ئەرەن – 5 باگوك» ھەرىكىتى داۋامىدا نۇرغۇن پارتلاتقۇچ قولغا چۈشۈرۈلدى
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ «ئەرەن – 5 باگوك» ھەرىكىتى داۋامىدا 50 كىلوگىرام پارتلاتقۇچنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.
1628665
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سويلۇ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەرەن – 5 باگوك» ھەرىكىتى دائىرىسىدە، ماردىن ۋىلايىتى نۇسايبىن ناھىيەسىنىڭ قورۇكۆي يېزىسىدا 50 كىلوگىرام پارتلاتقۇچنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.
26 – يانۋار كۈنى 2 مىڭ 550 ھەربىي خادىمنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا «ئەرەن – 5 باگوك» ھەرىكىتى باشلانغانىدى.