شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەقدىرى، تۈركىيەنىڭ تەقدىرى

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەقدىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ تەقدىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1628314
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەقدىرى، تۈركىيەنىڭ تەقدىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتارنىڭ گىرېتسىيەدە چىقىدىغان «كاسىمېرىنى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان زىيارەت خاتىرىسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ: «شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەقدىرى بىزنىڭ تەقدىرىمىز» دېدى.

ئۇ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتارنى خەتكۈچلەپ ھەمبەھىرلىگەن باياناتىدا، قەتئىي ئىرادىنى تەكىتلىگەن ھالدا: «غايىمىز ئورتاق. شىمالىي قىبرىس تۈركلىرىنىڭ دەۋاسى ئۆزىمىزنىڭ دەۋاسىدۇر. تۈنۈگۈنكىگە ئوخشاش، ئەتىمۇ بارلىق كۈچىمىز بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى قوللايمىز» دېدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار «كاسىمېرىنى گېزىتى» نىڭ زىيارىتىدە: «تۈركىيە بۈيۈك دۆلەت ۋە دۆلىتىمىزنىڭ كاپالىتىدۇر، ئانا ۋەتەندۇر، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىسىدۇر» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر