قىبرىس كونفېرانسى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ شىۋېيتسارىيە پايتەختى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «ب د ت5+» كونفېرانسىغا قاتنىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىبرىستىكى تۈرك ۋە رۇم تەرەپلەردىن باشقا، كاپالەتچى دۆلەتلەر بولغان تۈركىيە، گىرېتسىيە، ئەنگلىيە ۋە ب د ت نىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئەتە (2021-يىلى 27-ئاپرېل) شىۋېيتسارىيەدە ئېچىلىدىغان «ب د ت5+» قىبرىس كونفېرانسىغا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت قاتنىشىدۇ.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا قەيت قىلىنىشىچە، كونفېرانس ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرسنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 27-29-ئاپرېل كۈنلىرى شىۋېيتسارىيە پايتەختى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
كونفېرانسقا، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار، جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ رەھبىرى نىكوس ئاناستاسىيادىس، كاپالەتچى دۆلەتلەر بولغان تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ھەيئەتلىرى قاتنىشىدىكەن.
تۈركىيە ھەيئىتىگە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ باشچىلىق قىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنى ئاتىنادا ئېچىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى يىغىنى ئاتىنا (ئافىنا)دا ئۆتكۈزۈلدى.