چاۋۇشئوغلۇ: بايدىننىڭ باياناتىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىمىز
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «بىردىنبىر تايانچى ئاۋامچىلىق بولغان باياناتىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىمىز» دېدى.
1627694
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن 1915 – يىل ۋەقەلىرىنى <ئىرقىي قىرغىنچىلىق> دەپ ئاتىغاندىن كېيىن بايانات بېرىپ: «كەلىمىلەر تارىخنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. تارىخىمىز توغرىسىدا ھېچكىمدىن ساۋاق ئالمايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.