ئەردوغان بلەن بايدىن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن تېلېفونلاشتى.
1627294
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ ئۆزئارا تېلېفونلىشىپ، ئىككى دۆلەت ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلىشىش ئۈچۈن ئىيۇن ئېيىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باشلىقلار يىغىنىدا ئايرىم كۆرۈشۈش ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.