تۈركىيە ئەرمەن تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇملىرىدا شېھىت بولغان دىپلوماتلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئەرمەن تېررورچىلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا شېھىت بولغان دىپلوماتلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئېلان قىلدى.

1627381
تۈركىيە ئەرمەن تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇملىرىدا شېھىت بولغان دىپلوماتلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئەرمەنلەرنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا جېنىدىن ئايرىلغان تۈرك دىپلوماتلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئېلان قىلدى ۋە ئۇنىڭغا يانداشتۇرۇپ: «يالغانلار پەقەت تارىخنى بۇرمىلاش بىلەنلا قالماستىن بىگۇناھ جانلارغىمۇ زامىن بولىدۇ. ئەرمەن تېررورى شېھىت قىلغان خىزمەتداشلىرىمىزنى ئۇنتۇمىدۇق، قەتئىي ئۇنتۇمايمىز. ئۇلار خاتىرجەم ئۇخلىسۇن، ھېچقانداق يالغان ۋە بېسىمغا باش ئەگمەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر