تۈركىيە بايدىننىڭ ئاتالمىش ئىرقىي قىرغىنچىلىق باياناتىغا لەنەت ئېيتتى

تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ 1915 – يىل ۋەقەلىرىنى ئاتالمىش ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىشىغا لەنەت ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1627690
تۈركىيە بايدىننىڭ ئاتالمىش ئىرقىي قىرغىنچىلىق باياناتىغا لەنەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتىنىڭ 24 – ئاپرېلدا قىلغان 1915 – يىل ۋەقەلىرىگە ئالاقىدار باياناتىنى قوبۇل قىلمايمىز ۋە قاتتىق لەنەت ئېيتىمىز» دېدى ۋە داۋاملاشتۇرۇپ: تارىخىي مەسىلىلەر توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشقا نە ئەخلاقىي، نە قانۇنىي سالاھىيىتى بولمىغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ باياناتىنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوقتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

«1915  - يىلى ۋەقەلىرى توغرىسىدا خەلقئارا قانۇندا ئېنىقلىما بېرىلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىبارىسىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان شەرتلەرنىڭ ھېچبىرى مەۋجۇت ئەمەس» دېيىلگەن باياناتتا: «بۇنداق بىر پوزىتسىيە تارىخنىڭ قوپاللىق بىلەن بۇرمىلىنىشىغا خىزمەت قىلىدۇ. ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسى، 1915 – يىل ۋەقەلىرىنىڭ دەتالاشلىق ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيەنىڭ ئۇ دەۋرگە دائىر ئىلمىي ھەقىقەتلەر نۇرى ئاستىدا ئادىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى 2005 – يىلى ئوتتۇرىغا قويغان <ئورتاق تارىخ كومىتېتى قۇرۇش> تەكلىپى، ئەرمەن تەرەپنىڭ بۇنىڭغا قەتئىي يېقىن يۇلىمىغان بولۇشىغا قارىماي، ھېلىھەم  كۈچكە ئىگىدۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، مەدەنىيەتلەر بۆشۈگى دەپ ئاتىلىۋاتقان بىر جۇغراپىيەنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ۋە باشتىن كەچۈرگەن بارلىق ئازاب – ئۇقۇبەتلەرگە قارىماي، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى ئۆزىگە شوئار قىلغان تۈركىيەنىڭ، تارىخى بىلەن يۈزلىشىشتىن ھېچقاچان قاچمىغانلىقى تەكىتلىنىپ: «(تۈركىيە) بۇ ھەقتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېچكىمدىن دەرس ئالمايدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر