شەنتوپ 1915 - يىل ۋەقەلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستاپا شەنتوپ، ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقىنىدەك 1915 – يىل ۋەقەلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتاش ئۈچۈن قانۇنلاردا كۆرسىتىلگەن شەرتلەرنىڭ تېپىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1627498
شەنتوپ 1915 - يىل ۋەقەلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستاپا شەنتوپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 2021 - يىلىدىكى 1915 – يىل ۋەقەلىرىگە ئالاقىدار سىياسىي پوزىتسىيەسىنىڭ، ئۆزگىرىشنىڭ ماھىيەتتە ئەمەس، پەقەت يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ پوزىتسىيەدە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ئېلان قىلىدىغانلىقى دەۋا قىلىنىۋاتقان باياناتى ھەققىدە توختىلىپ: «ئەگەر شۇنداق بولسا، بىر سىياسىي بايانات سۈپىتىدە قالىدۇ. ئۇنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسىي يوق. تۈركىيەدە ئەگەر تارىخىي مەسىلىلەر بۇ شەكىلدە سىياسىي قارارلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان بولسا، تۈركىيەنىڭمۇ ئامېرىكا تارىخى توغرىسىدا بىر قانۇن چىقىرىش مەۋسۇمىنىڭ ھەممىسىنى سەرپ قىلىپ قارارلارنى چىقارغۇدەك ئىشلار بار. بۇ جەھەتتىكى خاتىرىسى ئەڭ ناچار دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدۇر» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئەرمەنى تەرەپ تارىخىي ھەقىقەتلەرگە زىت ھالدا ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ۋە باشقا دۆلەتلەرگە قوبۇل قىلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان قارىشى، تۈركىيە بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىغا كۆلەڭگە چۈشۈرمەكتە» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر