ھالاچئوغلۇ: ئەرمەن دەۋالىرىنىڭ ئاساسسىزلىقى پاكىتلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى

تۈرك تارىخ جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى پىروفېسسور دوكتور يۇسۇف ھالاچئوغلۇ، 1915- يىلى ۋەقەلىرىگە دائىر ئەيىبلەشلەرنىڭ ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1627342
ھالاچئوغلۇ: ئەرمەن دەۋالىرىنىڭ ئاساسسىزلىقى پاكىتلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك تارىخ جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى پىروفېسسور دوكتور يۇسۇف ھالاچئوغلۇ، 1915- يىلى ۋەقەلىرىگە دائىر ئەيىبلەشلەرنىڭ ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ چەت ئەل ھۆججەتلىرىدىمۇ ئېنىق بايان قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

پىروفېسسور دوكتور يۇسۇف ھالاچئوغلۇ تراكيا ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئەرمەن دەۋالىرى ۋە تارىخىي پاكىتلار» ناملىق تور يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئەرمەن دەۋالىرىنىڭ تارىخىي ھۆججەتلەر ئارقىلىق رەت قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھالاچئوغلۇ، ئەرمەنلەرنىڭ بۇرۇندىن تارتىپلا ئىلمىي تەتقىقاتلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆزلىرىنىڭ دەۋالىرىنىڭ كۈنتەرتىپتىكى ئورنىنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، ئەرمەنى مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خالىمايدىغانلىقىنى، مەزكۇر دەۋالارنى تۈركىيەگە قارشى كوزىر قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈرك تارىخ جەمئىيىتىنىڭ ئەتراپلىق تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىش ۋە ئارخىپلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەقىقەتنى پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تىلغا ئالغان ھالاچئوغلۇ: «باشتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولۇپ ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، مىللەتلەر جەمئىيىتى ئارخىپى، رۇسىيە ۋە ئىران ئارخىپلىرىنىڭ ھەممىسىنى باشتىن  - ئاخىر تەكشۈردۇق. بىز بۇ رايونلاردىن 100 مىڭ بەتتىن ئارتۇق ھۆججەت توپلىدۇق. بىز قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ئىلگىرى سۈرۈلگىنىدەك ئەرمەنلەرنىڭ قىرغىن قىلىنغانلىقىنى ياكى دۆلەت تەرىپىدىن مۇشۇنداق قىلىنغانلىقىنى كۆرسەتمىدى. ئوسمانلى ئەمەلدارلىرى يوللاردا ئەرمەنلەرگە ھۇجۇم قىلغان، ئۇلارنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنى بۇلىغان ۋە ئۇلارنى قەتل قىلغانلارنى قولغا چۈشۈرۈپ جازالىغانىدى. 1915- يىلى 1673 ئادەم سوتقا تارتىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يۇسۇف ھالاچئوغلۇ، 1914- يىلىدىن 1922- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، 518 مىڭ مۇسۇلمان تۈركنىڭ ئەرمېنىيە شايكىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى تولۇق پاكىتلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر